Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گامېتوفىت
دائىرە: بىئولوگىيە配子体
pèizǐtǐ
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ دەۋر ئالمىشىشىدىكى يەككە ھەسسىلىك خروموسومىسى بولغان ھەمدە گامېتا ھاسىل قىلىدىغان ئۆسۈملۈك تەنچىسى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىكى گامېتوفىت دەۋر (جىنسلىق دەۋر دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈپ سپورا ھاسىل بولغاندىن تارتىپ ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گامېتىلار ئورۇقلانغۇچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. مۇخلارنىڭ گامېتوفىتى مۇستەقىل ياشايدۇ، دائىم ئۇچرايدىغان غول، يوپۇرماق ۋە يالغان يىلتىزى بوغلان مۇخلار گامېتوفىتتىن ئىبارەت. پاپوروتنىكلارنىڭ گامېتوفىتى كىچىك ھەم تەرەققىي قىلمىغان بولىدۇ، يەنى ئىپتىدائىي يوپۇرماقسىمان تەنىدىن ئىبارەت. ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گامېتوفىتى ئىنتايىن رودىمېنتلاشقان بولۇپ، سپوروفىتقا تايىنىپ ياشايدۇ، تېنى كىچىك، تۈزۈلۈشى ئاددىي بولىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى بىلەن تۆرەلمە خالتىسى گامېتوفىتتىن ئىبارەت.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.