Uyghurئاساسىي لۇغەت
گالۋان
دۇنيا تارىخى
(1834 - 1910) دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1876، 1893، 1903)، يازغۇچى. 1861 - 1865 - يىللىرى ئىسپانىيە سانتودومىنگونى ئىشغال قىلىۋالغاندا كۈرەشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. 1865 - يىلى دومىنىكا قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئېرىشكەندە پارلامېنتنىڭ باشلىقى بولغان. كۆپ قېتىم تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. <ئېنلىگيۇ> دېگەن روماننى يېزىپ، ھەقىقىي تارىخىي ھۆججەت ۋە شەخسلەر توغرىسىدىكى خاتىرىگە ئاساسەن، 17 - ئەسىردىكى سانتودومىنگو ئىندىئانلىرىنىڭ ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرىشىنى تەسۋىرلىگەن.