Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گاللىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
高卢战争
gāo lú zhàn zhēng
قەدىمكى رىمنىڭ تاغ سىرتىدىكى گاللىيە رايونى (ھازىرقى رېيىن دەرياسىنىڭ غەربىدىكى فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق جايلار)نى بۇيسۇندۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇشى. مىلادىدىن 58 يىل ئىلگىرى كائېسار ئالپ تېغىنىڭ جەنۇبىي يەنى تاغ ئىچىدىكى گاللىيە (ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى پو دەريا ۋادىسى) گە باش ۋالىي بولغان، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە قوشۇماچە ناربون گاللىيە (پو دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ غەربى) رايونىنى باشقۇرغان. ئۇ تاغ ئىچىدىكى گاللىيىدىن تەخمىنەن تۆت جۈنتۇەن ئەسكەر (20 مىڭ ئادەم) نى باشلاپ چىقىپ تاغ سىرتىدىكى گاللىيىگە ھەدەپ كېڭەيمىچىلىك قىلغان ھەمدە دىپلوماتىيە ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ، گاللىيىلىكلەرنى گاللىيىلىكلەرگە سېلىپ، مىلادىدىن 51 يىل ئىلگىرى گاللىيىنى پۈتۈنلەي يۇتۇۋالغان. كائېسار تالان - تاراج قىلىۋالغان نۇرغۇن بايلىق ۋە ئادەمنى رىمغا يۆتكەپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى بارغانسېرى كۈچەيتكەن. بويسۇندۇرۇش يەرلىك ئاھالە (ئاساسەن كېلىتلار) نىڭ ئۈزلۈكسىز قارشىلىقىنى قوزغىغان، مىلادىدىن 52 يىل ئىلگىرى ۋېرسېنگېتورىكىس رەھبەرلىك قىلغان قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ھەممىدىن كەڭ بولغان. مىلادىدىن 55 - 53 يىل ئىلگىرى، كائېسار تاغ سىرتىدىكى گاللىيىدىن گېرمانىيە ۋە برىتانىيە رايونلىرىغا بېسىپ كىرگەن. سەككىز يىللىق ئۇرۇشنىڭ جەريانى كائېسار يازغان <گاللىيە جەڭنامىسى> (سەككىز توم) گە كىرگۈزۈلگەن. <گاللىيە> گە قاراڭ.