Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گالىلېي
ئۇنىۋېرسال
伽里略
gā lǐ luè
دۇنيا تارىخى
伽利略
jiā lì luè
(1564 - 1642) ئىتالىيىلىك فىزىك ۋە ئاسترونوم. يېقىنقى زامان تەجرىبە ئىلىمىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. پېزادا بىر ۋەيران بولغان ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 17 يېشىدا پېزا (پېسا) ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، مېدىتسىنا ئىلمىنى تەتقىق قىلغان. ماتېماتىكا ئىلمىنى بېرىلىپ ئۆگەنگەن. 1589 - 1591 - يىللىرى ۋە 1592 - 1610 - يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ پېزا ئۇنىۋېرسىتىتى ۋە پااۋا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. 1610 - يىلى تەكلىپگە بىنائەن فلورېنسىيىگە كېلىپ، توسكانا گېرسوگى كوسمو مېدىچ ئوردىسىنىڭ پەيلاسوپى ۋە ماتېماتىكى بولغان. ئۇنىڭ ئىلمىگە قوشقان تۆھپىسى كۆپ تەرەپلىمە بولغان. ئېيتىلىشچە ئۇ تەخمىنەن 1590 - يىلى پېزا يانتۇ مۇنارىسىغا چىقپ، مەشھۇر بولغان بىر قېتىملىق بوشلۇقتىن جىسىم چۈشۈرۈش تەجرىبىسىنى ئىلىپ بېرىپ، ئارىستوتىلنىڭ <جىسىملارنىڭ بوشلۇقتىن تۆۋەنگە چۈشۈش سۈرئىتى بىلەن ئېغىرلىقى تاناسىپ بولىدۇ> دېگەن نوپۇزلۇق كۆز قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، بوشلۇقتىن چۈشكەن جىسىم قانۇنىنى كەشىپ قىلغان. 1609 - يىلى گوللاندىيىلىك بىر كىشىنىڭ دۇربۇننى كەشىپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئوخشاش قائىدە بويىچە ئاسترونومىيىلىك تېلېسكوپنى لايىھىلەپ ياساپ چىقىپ، ئاسمان جىسىملىرىنى كۆزەتكەن؛ ئاي شارىدا تاغ جىرالىرى، يانار تاغ ئىزلىرىنىڭ بارلىقى، يۇپىتىرنىڭ تۆت ھەمرايىنىڭ بارلىقى؛ قۇياشنىڭ يۈزىدە قارا داغنىڭ بارلىقى؛ سامان يولىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاسمان جىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقانلىقىدىن ئىبارەت ئاسمان ھادىسىلىرىنى بايقىغان. كوپېرنىكنىڭ <قۇياش مەركەز تەلىماتى> غا ئىشەنگەن ۋە ئۇنى يەنىمۇ بىر قەدەر ئىلگىرلەپ ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكتىن، 1633 - يىلى رىم بىدئەتچىلىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ئورنى تەرىپىدىن تاكى ئۆلگىچە نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. گالىلىينىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى: <يۇلتۇزلار ئەلچىسى>، <پىتولېمېي بىلەن كوپېرنىكنىڭ ئىككى چوڭ دۇنيا سېستىمىسى توغرىسىدىكى دېئالوگى> قاتارلىقلادىن ئىبارەت.