Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گايتان
دائىرە: دۇنيا تارىخى盖坦
gài tǎn
(1898 - 1948) كولومبىيىلىك قانۇنشۇناس. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كولۇمبىيە دۆلەت داشۆسىدە ۋە ئىتالىيىدە قانۇن ئۆگەنگەن. 1929 - يىلى بانانزارلىق رايونىدىكى ئىش تاشلاشنى تەكشۈرگۈچى بولغان. 1936 - يىلى بوگوتا شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغان. 1940 - يىلى مائارىپ مىنستىرى بولغان. <مەملىكەتلىك سولچىل ئىنقىلابچىلار ئىتتىپاقى>نى قۇرغان. 1946 - 1948 - يىللاردا ئەركىنلىك پارتىيىسى سول قانىتىنىڭ داھىيىسى ۋە زۇڭتۇڭ نامزاتى بولغان ۋە لىبېرالىستىك ئىسلاھاتنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچىلارنىڭ سەككىز سائەتلىك ئىش كۈنى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قوللىغان. 1948 - يىل 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بوگوتادا يوشۇرۇن قەتل قىلىنغان. <كولومبىيىدىكى سوتسىيالىزم ئىدىيىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.