Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
概括心理学
پسىخولوگىيە
ئومۇمىي پسىخولوگىيە
بۇ پسىخولوگىيىنىڭ ئاساسى، پسىخولوگىيىنىڭ ئاساسىي غولى. ئومۇمىي پسىخولوگىيە پسىخولوگىيىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى ۋە ئاساسىي ئىلمى ئۇقۇملىرىنى بايان قىلىدۇ. پسىخولوگىيىنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ تۈرلۈك پسىخىك ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئەڭ ئومۇمىي قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ؛ نورمال كىشىلەر پسىخىكىسىنىڭ ئومۇمىي بىلىش جەريانى، ھېسسىيات جەريانى، ئىرادە جەريانى ۋە تېمپېرامېنت (مىجەز)، قابىلىيەت، خاراكتېر قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئومۇمىي پسىخولوگىيە دائىرىسىدە يەنە تۈرلۈك پسىخىك جەريانلار ۋە ئىندىۋىدۇئال پىسىخىك ئالاھىدىلىكىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان پسىخولوگىيىلەر بار. مەسىلەن، سەزگۈ - ئىدراك پسىخولوگىيىسى، خاتىرە پسىخولوگىيىسى، تەپەككۇر پسىخولوگىيىسى، ئىندىۋىدۇئال پسىخولوگىيە قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ئومۇمىي پسىخولوگىيىنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاپ بېيىتىدۇ. ئومۇمىي پسىخولوگىيە پسىخىكا پەنىنىڭ بارلىق تارماقلىرى ۋە قىسىملىرىنىڭ ئاساسىي ئۇلى. پسىخولوگىيە سىستېمىسى ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.