Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
改革报派
دائىرە: دۇنيا تارىخىئىسلاھات گېزىتى تەرەپدارلىرى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى فرانسىيىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھىنىڭ بىرى. <ئىسلاھات گېزىتى> 1843 - يىلىدىن 1850 - يىلىغىچە پارىژدا نەشىر قىلىنغان گېزىت. بۇ گېزىتنىڭ مۇھەررىرى لېدروروللىن ۋەكىللىكىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيەتچىلىرى لۇئى بلان ۋەكىللىكىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە سوتسىيالىزمچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، <ئىسلاھات گېزىتى> نى مەركەز قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەر گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇلار ئومۇم سايلام ھوقۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشچىلار ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1848 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابى مەزگىلىدە لېدروروللىن بىلەن لۇئى بلان 11 كىشىلىك ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتناشقان. لۇئى بوناپارت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.