Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گاچۇپىنلار
دائىرە: دۇنيا تارىخى伽丘平
gā qiū píng
شورالىقلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مېكسىكا مۇستەقىل بولۇشتىن ئىلگىرى يەرلىك خەلقنىڭ شىمالىي ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىسپانلارنى كەمسىتىپ ئاتىشى. دەسلەپ ⅥⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار، ئومۇمەن جەمئىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەبىقىسى بولۇپ، يېڭى ئىسپانىيە باش ۋالىيلىق رايونىدىكى مەمۇرىي، ھەربىي تارماقلىرىنىڭ ئالىي مەنسەپلىرىن ئۆتەپ، ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، باش ۋالىي رايونى ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ ناھايىتى ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلغان. ئۇلار ئىسپانىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.