Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گابروۋىسكى
دائىرە: دۇنيا تارىخى戈博罗夫斯基
gē bó luó fū sī jī
(1864 - 1925) بۇلغارىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. 1889 - يىلى ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇش يىغىنغا قاتناشقان. 1891 - ۋە 1892 - يىللىرى بۇلغارىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ، پارتىيىنىڭ باش كومىتىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1892 - 1894 - يىللىرى <بالقان سوتسىيال دېموكراتلىرى مەجمۇئەسى> ۋە <ئىشچىلار گېزىتى> نى تەھرىرلەپ نەشىر قىلغان. 1894 - 1900 - يىللىرى ۋە 1902 - 1903 - يىللىرى مىللىي كېڭەشنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان، بىر مەھەل پارلامېنت يولىغا قىزىقىپ يۈرگەن. 1914 - يىلى ئەگەشكۈچىلەر گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئۆزگەرگەن. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى پارتىيە ئۆمىكى پائالىيىتىگە قاتناشقان. (1919 - 1923). كېيىن فاشسىت ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.