Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى
بىئولوگىيە
生理盐水
shēnglǐyánshuǐ
فىزىئولوگىيە تەجرىبىخانىلىرى ۋە كلىنىكىدا توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ساقلاشقا دائىم بەلگىلىك كونسېنتراتسىيىدىكى ناترىي خلورىد ئېرىتمىسى ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىلگەن ئېرىتمىنىڭ ئوسموتىك بېسىمى مەزكۇر ھايۋاننىڭ قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمىغا تەڭ بولۇشى زۆرۈر. بۇنداق ناترىي خلورىد ئېرىتمىسى فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى دېيىلىدۇ. ھەر خىل ھايۋانلار قان پلازمىسىنىڭ ئوسموتىك بېسىمى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئىشلىتىلىدىغان ناترىي خلورىد ئېرىتمىسىنىڭمۇ ئوخشاش بولماسلىقى تەلەپ قىلىندىۇ. ئادەم ۋە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارغا ئىشلىتىلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى 85.0 - 90.0 پىرسەنتلىك ناترىي خلورىد ئېرىتمىسى، قوش ماكانلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغىنى 65.0 - 70.0 پىرسەنتلىك ناترىي خلورىد ئېرىتمىسى، لېكىن فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى قىممەتلىرى مۇكەممەل بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئېرىتمە بولمىغاچقا ئورگانلارنىڭ پائالىيىتىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرالمايدۇ، تەنىسىدىن ئايرىۋېلىنغان ئورگانلار ياشاش مۇھىتىنى نورمال ھالەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېرىتمە تەركىبىدە ناترىي خلورىد بولغاندىن باشقا يەنە بەلگىلىك مىقداردىكى كالىي خلورىد، كالتسىي خلورىد، ناترىي بى كاربونات ۋە گلۇكوزا قاتارلىقلار قوشۇلۇپ ئورگانلار ھاياتىغا كېرەكلىك بولغان مۇۋاپىق ئوسموتىك بېسىم كىسلاتا ئىشقار رېئاكسىيىسى ۋە مېتابولىزم ماتېرىياللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش لازىم. بۇ خىلدىكى ئېرىتمىلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ فىزىئولوگىيىلىك تۇز ئېرىتمىسى دېيىلىدۇ. كۆپ ئىشلىتىلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تۇز ئېرىتمىلىرى قوش ماكانلىقلارغا ئىشلىتىدىغان رىنگېر (Ringer) ئېرىتمىسى، سۈت ئەمگۈچىلەرگە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان لوك (Locke) ئېرىتمىسى ۋە تىرود (Tyrode) ئېرىتمىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
خىمىيە
生理盐水
shēng lǐ yán shuǐ
تېببىي
生理盐水
shēng lǐ yán shuǐ