Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىزىئولوگىيىلىك مۇۋازىنەت ئېرىتمە
دائىرە: بىئولوگىيەجانلىقلارنىڭ مۇھىت ئېرىتمىسىدىكى بەزى ئىئون تۈرلىرى مەلۇم بىر تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي، ئېرىتمىدىكى مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىئونلار كۆپ خىل ئارىلاش ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ. بىر قانچە خىل زۆرۈر مېنېرال ئېلېمېنتلارنى بەلگىلىك كونسېنتراتسىيە ۋە نىسبەت بويىچە ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلانغان ئېرىتمىدە ئۆسۈملۈك ياخشى ئۆسىدۇ ھەمدە زەھەرلىك تەسىرى بولمايدۇ. بۇنداق ئېرىتمە فىزىئولوگىيىلىك مۇۋازىنەت ئېرىتمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئۆستۈرگۈچ ئېرىتمىلەردىن Hoaglant, Espino, Knp قاتارلىقلار فىزىئولوگىيىلىك مۇۋازىنەت ئېزىتمىدۇر. ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈملۈك ئۆستۈرۈلىدىغان فىزىئولوگىيىلىك ئېرىتمىنىڭ تەركىبى ئوخشاش بولمايدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.