Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىئۇمې قارارى
دائىرە: دۇنيا تارىخى阜姆决议
fù mǔ jué yì
1905 - يىلى 10 - ئايدا دالماتسىيە بىلەن كرودىيە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان قارار، ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا خورۋاتىيىدە ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ زۇلمىغا قارشى كۈرەشنى پارتلىغان. 1905 - يىلى 10 - ئايدا كرودىيە، ئىسترىيە ۋە دالماتسىيىنىڭ 40 نەپەر ۋەكىلى فىئۇمې (ھازىرقى رىئېكا) غا يىغىلىپ دالماتسىيە بىلەن كرودىيە قوشۇلۇشنى تەلەپ قىلغان قارارنى ماقۇللىغان ھەمدە خورۋاتىيىدە سايلام قانۇنىن ئىسلاھ قىلىش، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كرودىيە ھۆكۈمىتى قۇرۇش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلغان. فىئۇمې قارارى سېربىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى قاراردا ئوتتورغا قويۇلغان تەلەپنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.