Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
复叶
دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك,ئۆسۈملۈك,ئورمانچىلىق
fù yè
مۇرەككەپ يوپۇرماقDئۇنىۋېرسال
fù yè
مۇرەككەپ يوپۇرماق
بىئولوگىيە
مۇرەككەپ يوپۇرماق
يوپۇرماق ئوقى (ئومۇمىي يوپۇرماق سېپى) دا بىرقانچا كىچىك يوپۇرماق ئۆسكەن يوپۇرماق. ئۇ كىچىك يوپۇرماقلارنىڭ تىزىلىش شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن تۆۋەنكى بىر قانچە تىپقا بۆلۈنىدۇ؛ (1) پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. بۇنىڭدا كىچىك يوپۇرماقلار يوپۇرماق ئوقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پەيسىمان ھالەتتە تىزىلىدۇ. ئەگەر كىچىك يوپۇرماقلارنىڭ سانى جۈپ بولسا جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، خاسىڭ؛ كىچىك يوپۇرماقلارنىڭ سانى تاق بولسا تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەتىرگۈل. كىچىك يوپۇرماقلار يوپۇرماق ئوقىدا بىۋاسىتە ئۆسكىنى بىر قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق (مەسىلەن، نوقۇت)، يوپۇرماق ئوقى بىر قېتىم شاخلانغىنى ئىككى قېتىم قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق (مەسىلەن، سېرىس)، يوپۇرماق ئوقى ئىككى قېتىم شاخلانغىنى ئۈچ قايتىلانغان پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق (مەسىلەن، ناندىنا چاتقىلى) دەپ ئاتىلىدۇ. (2) ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق. بۇنىڭدا كىچىك يوپۇرماقلار يوپۇرماق ئوقىنىڭ ئۇچىدا ئۆسۈپ ئالىقانسىمان تىزىلىدۇ. مەسىلەن، كەندىر يوپۇرماقلىق سېسىق تال، ئايسىكۇلۇس دەرىخى. (3) ئۈچ يوپۇرماقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق. بۇنىڭدا يوپۇرماق ئوقىدا ئۈچ دانە كىچىك يوپۇرماق ئۆسىدۇ. مەسىلەن، پۇرچاق، جاڭدۇ. (4) يالغۇز مۇرەككەپ يوپۇرماق، بۇنىڭدا ئۈچ يوپۇرماقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماقنىڭ ئىككى يېنىدىكى كىچىك يوپۇرماق چېكىنىپ پەقەت بىر تال كىچىك يوپۇرماق قالىدۇ، شەكلى ئاددىي يوپۇرماققا ئوخشايدۇ. بىراق يوپۇرماق ئوقى بىلەن يوپۇرماق ئالىقىنى ئوتتۇرىسىدا بوغۇم بولىدۇ. مەسىلەن، بانان.