Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فۇريې
دۇنيا تارىخى
傅立叶
fù lì yè
(1772 - 1837) فرانسىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى. باي سودىگەر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئۇزاق مۇددەت سودا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق 1798 - 1799 - يىللاردا ئۆزىنىڭ تەلىمات سېستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە باشلىغان. ئۇنىڭ قارىشىچە خۇدا ئىنسانىيەتنى ئۆزىنىڭ قىياپىتى بويىچە ياراتقان؛ ئىنسان تەبىئىتى ۋە ئارزۇ - ئارمانلىرىغا ئاساسلىنىپ، خۇدا بېكىتكەن ئىجتىمائىي قانۇنلارنى تاپقىلى بولىدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخى بالىلىق دەۋر، ئۆسۈپ يېتىلىش، زاۋاللىققا يۈزلىنىش، سولىشىشتىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ھازىرغىچە ئىنسانىيەت يەنىلا ئىناق بولمىغان بالىلىق دەۋر باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەت تۈزۈمى قالايمىقانچىلىق، نامراتلىق، شەھۋانىيلىقنىڭ ئاخىرقى چېكى بولۇپ، دۆلەت ئىمتىيازلىقلار ۋە بايلارنىڭ ئاممىغا قارشى تۇرۇشن قوغدىغۇچىدۇر. بۇ تۈزۈم ئىجتىمائىي داۋالغۇش ۋە كرىزىسقا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ كەلگۈسىدە ئىناقلىق دەۋرىگە بىۋاستە سەكرەيدۇ. ئىناق جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرلىكى - فالانگې يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس، سانائەتنى قوشۇمچە قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، ئەمگەك ھەركىمنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ كىرىم كاپىتال پايدىسى، قابىلىيەت ھەققى ۋە ئەمگەك ھەققى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ؛ ئىستېمال كوللېكتىپ تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ؛ ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ھۈجەيرىسى ئەمەس، بەلكى ئەر - ئاياللار ئەركىن نىكاھلانغان ۋاقىتلىق قوشۇلمىدىن ئىبارەت بولىدۇ، فالانگېدا ئىشلەپچىقرىش ۋاستىلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكى پاي چېكى شەكلىدە ساقلىنىپ قالىدۇ، بايلار ۋە كەمبەغەللەردىن ئىبارەت ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكمۇ ساقلىنىپ تۇرىدۇ دەپ قارىغان. فۇريې پەقەت تىنچ تەشۋىق قىلىش ۋە ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىقلا، فالانگې تۈزۈمىنى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. فۇريېچىلار فرانسىيە بىلەن ئامېرىكىدا فالانگې كۆچمەنلەر رايونى سىنىقىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى <تۆت خىل ھەرىكەت ۋە ئومۇمىي تەقدىر توغرىسىدىكى نەزەرىيە>، <ئائىلىۋى يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى توغرىسىدا>، <سانائەت ۋە ھەمكارلاشقان يېڭى دۇنيا> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.