Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
腹腔
تەنتەربىيە,تېببىي
fù qiāng
قورساق بوشلۇقى، قورساق پەردە بوشلۇقىDئۇنىۋېرسال
fù qiāng
قورساق بوشلۇقى
Dئادەم ئاناتومىيىسى
fù qiāng
قورساق بوشلۇقىDئادەم ئاناتومىيىسى
fù qiāng
قورساق بوشلۇقى
بىئولوگىيە
قورساق بوشلۇقى
قورساق قىسمىنىڭ ئىچىدىكى بوشلۇق، ئۇ دىئافراگما بىلەن داس سۆڭىكى بوشلۇقى ئارىلىقىدا بولىدۇ ھەمدە داس سۆڭىكى بوشلۇقىغا تۇتىشىپ داۋاملىشىدۇ. قورساق بوشلۇقىدىكى ئىچكى ئەزالار ئاساسەن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى ئورگانلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تال ھەم بىر قىسىم سۈيدۈك ئاجرىتىش ئورگانلىرى بولىدۇ. بوشلۇق شەكلى سەل تۇخۇم شەكىللىك، ئۇچلۇق (ئۆتكۈر) تەرىپى ئارقىدا بەزى ھايۋانلاردا ياپىلاق بوشلۇقنىڭ دۈمبە دىۋارى دىئافراگمانىڭ ئارقا قىسمى، بەل ئومۇرتقىسى ۋە قىسمەن مۇسكۇللارنىڭ ئوراپ تۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن؛ يان دىۋارى قىسمەن قورساق مۇسكۇللىرى، قىسمەن دىئافراگما ۋە قىسمەن قوۋۇرغىلارنىڭ قورشاپ تۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن؛ قورساق دىۋارى قورساق قىسمىنىڭ تۈز مۇسكۇللىرى ۋە خەنجەرسىمان كۈمۈرچەكتىن تەركىب تاپقان؛ ئالدى دىۋارى بولسا، دىئافراگمىنىڭ بىر قىسمىدىن ئىبارەت. بوشلۇقنىڭ ئىچكى قەۋىتى ھەم بوشلۇقتىكى ئىچكى ئورگانلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ھەممىسى بىر قەۋەت شىرىلىق پەردىگە ھىم يېپىشقان بولۇپ، ئالدىنقىسى <قورساق پەردە دىۋارى قەۋىتى>، كېيىنكىسى <قورساق پەردە ئورگانلار قەۋىتى> دېيىلىدۇ. قورساق پەردىسى شىرىلىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ ئورگانلار ئارىسىدا سىلىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن شىرىلىق سۇيۇقلۇق ھەددىدىن زىيادە ئاجرىتىپ چىقىرىلسا قورساق سۈيىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.