Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
扶南国
دۇنيا تارىخى
ۋونام دۆلىتى
ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ھازىرقى كامبودژا بىلەن مېكونگ دەرياسى دېلتىسى ئەتراپىغا جايلاشقان. ئىلگىرى ۋونام دېگەننى جۇڭگولۇقلار قويغان نام، مەنىسى <جەنۇبنى يۆلەش> دېگەنلىك دەپ قارىغان. ھازىر كىشىلەر بۇنى كىخمىر تىلىدىكى ۋونام ياكى بىنام دېگەن نامنىڭ ئاھاڭى، مەنىسى <تاغلىق رايون> دېگەنلىك دەپ قارىماقتا. مىلادى Ⅰ ئەسىرلەردە بۇ دۆلەتنىڭ زېمىنى مېكونگ دەرياسى دېلتىسى رايونىدا بولۇپ، ئايال پادىشاھ ليۇيى باشقۇرغان. كېيىنرەك ليۇيى چەتتىن كەلگەن خونتيەن (ياكى خونكۇي) دېگەن كىشىگە ياتلىق بولۇپ، پادىشاھلىق خونتيەننىڭ قولىغا ئۆتكەن. Ⅱ ئەسىردە خونيەنكۇاڭ ھەرقايسى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرى سەركەردە ۋانمان (ياكى ۋانىشمان) ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، قوشنا ئۇششاق بەگلىكلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان. تەسىر كۈچى مالاي يېرىم ئارىلىغا يېتىپ بېرىپ، ئۆزىنى <ۋونام پادىشاھى> دەپ ئاتىغان. تەخمىنەن 225 - يىلى ۋانمان ئۆلۈپ، پادىشاھلىق تەختىنى سەركەردە ۋانجەن قولغا كىرگۈزۈۋالغان. كېيىن ۋانجەن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ۋانشۇن ئۆزىنى كورۇل قىلىپ تىكلىگەن. Ⅳ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھىندىستاندى كەلگەن براخمان كائۇندىنىيا ۋونامغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ھىندىستاننىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىنى يولغا قويغان. براخما دىنىنىڭ سىۋا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلغان. كېيىنرەك بۇددا دىنىمۇ تارقالغان. ئۇنىڭ پايتەختى ۋىيادخاپۇرا (ھازىرقى پرېۋېك ئۆلكىسىدە). Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋونام شىمالدىكى بېقىندىسى بولغان چېنىلا بەگلىكى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، پايتەختنى جەنۇبقا يۆتكىگەن. تەخمىنەن 627 - يىلىچېنىلا تەرىپىدىن يوقىتىلغان. 243 - يىلى (پادىشاھ ۋۇ چىۋۇنىڭ 6 - يىلى) ۋانجەن جۇڭگودىكى شەرقىي ۋۇغا ئەلچى ئەۋەتكەن. شەرقىي ۋۇمۇ كاڭتەي، جۇيىڭلارنى ۋونامغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن. ۋونام كېيىن غەربىي جىنغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن. تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرى (627 - 649) ۋونام چېنلا تەرىپىدىن يوقىتىلغاندىن كېيىنمۇ تاڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىرى كېلىپ تۇرغان.