Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
伏龙芝
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرىfú lóng zhī
فرۇنزېDئۇنىۋېرسال
fú lóng zhī
فرۇنزې )قىرغىزىستاننىڭ پايەختى بىشكەكنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى(
دائىرە: دۇنيا تارىخىفرونزې
(1885 - 1925) سابىق سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ تەشكىلاتچىسى ۋە ئۇنىڭ قوماندانلىرىنىڭ بىرى. پىشپېك (بۇرۇنقى فرونزې شەھىرى)دىكى ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1904 - يىلى بولشېۋىكلارغا قاتناشقان. 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، ئىۋانوۋۇۋوزنېسېنسكتىكى ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان. كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنغان، ئىككى قېتىم ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. 1915 - يىلى سۈرگۈن قىلىنغان جايدىن قېچىپ چىقىپ، ئالدىنقى سەپتىكى ئارمىيىنىڭ ئارىسىغا بېرىپ پارتىيىنىڭ يەر ئاستى خىزمىتىنى ئىشلىگەن. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مىنسكى ۋە ۋىلنى ئۆلكىسى دېھقانلار ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بېلوروسىيە ئىشچىلىرىنىڭ تۇنجى قىزىل گۋاردىيىسىگە رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنىي قۇرۇپ چىققان. ئۆكتەبر ئىنقىلابى مەزگىلىدە، موسكۋا قوراللىق قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قاتناشقان. ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە شەرقىي ۋە جەنۇبىي سەپ قىزىل ئارمىيىلىرىنىڭ كولچاك ۋە ۋرانگېلنىڭ ئاق گۋاردىيە ئارمىيىلىرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ۋولگا دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىدىكى رايونلارنى، ئورال، سىبىر، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قىرىمنى ئازاد قىلغان. ئىلگىرى - كېيىن روسىيە كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى (1921)، سىياسىي بيۇرو كاندىدات ئەزاسى (1924) بولغان. 1924 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىنقىلابىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى مۇئاۋىن خەلق كومىسسارى بولغان. 1925 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقىلابىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى خەلق كومىسسارى بولغان. ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلارغا ئائىت ئەسەرلىرى <فرونزې تاللانما ئەسەرلىرى>گە كىرگۈزۈلگەن.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8fú lóng zhī
فرۇنزې (قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى)
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.