Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
弗拉米尼
دۇنيا تارىخى
فلامىنىئوس
(مىلادىدىن ئىلگىرى ) ؟ - 217( قەدىمكى رىم سىياسىئونى ۋە قوماندانى. مىلادىدىن 232 - يىل ئىلگىرى ترىبۇنلۇققا تەيىنلەنگەن، گاللىيە - سېنونېسلار رايونى )رۇبىكون دەرياسىنىڭ جەنۇبىي(نى مۇستەملىكە قىلىشنى ئوتتۇرغا قويۇپ، گاللىيە خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن 223 يىل ئىلگىرى كونسۇل بولۇپ، ئالىپ تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى گاللىيىنى بويسۇندۇرۇش پىلانىنى يۈرگۈزگەن ۋە ئورۇندىغان؛ پو دەرياسى ئېقىمى رايونلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەملىكە رايونلىرىنى قۇرغان، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىم كۆچمەنلىرىدىن ھەربىر ئائىلىگە 30 جۇگېرۇم )بىر جۇگېرۇم تەخمىنەن تۆتتىن بىر گىكتارغا تەڭ كېلىدۇ( يەر بۆلۈپ بەرگەنمىش؛ فلامىنىئوس چوڭ تىياتىرخانىسى ۋە فلامىنىئوس چوڭ يولى )رىم شەھىرىدىن ئۇمېرىيانىڭ شەرقىدىكى دېڭىز قىرغىقىچە بارىدۇ(نى ياسىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، سېنتۇرىيە يىغىن ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بېرىپ، سېنتۇرىيىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، ھەرقايسى تەبىقىلەرنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى پەرقىنى ئازايتقان. ئىككىنچى قېتىملىق پونى ئۇرۇش )مىلادىدىن ئىلگىرى 218 - 201(دا قايتا كونسۇل )مىلادىدىن 217 يىل ئىلگىرى(بولغان. شۇ يىلى 6 - ئايدا، تراسمېنو كۆلىنىڭ بويىدا تۆت جۈنتۈەننىڭ 30 مىڭغا يېقىن ئادىمىنى باشلاپ گاننىبالغا قارشى جەڭ قىلغان، ئۇنىڭ پىستىرمىسىغا چۈشۈپ قېلىپ، پۈتۈن ئارمىيسى دېگۈدەك گۇمران بولۇپ، ئۆزىمۇ ھالاك بولغان.