Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
弗拉第斯拉夫一世
دۇنيا تارىخى
ۋلادىسلاۋ Ⅰ
(1) ۋلادىسلاۋ ھېرمان Ⅰ (1040 - 1102). پولشا كورۇلى (1079 - 1102). تەختتىكى مەزگىلدە، پادىشاھلىق ھوقۇقى ئاجىزلىشىپ كېتىپ، فېئوداللىق ئاقسۆڭەكلەر خالىغانچە زومىگەرلىك قىلغان. 1097 - يىلى دۆلەت زېمىنىنى ئوغلى زېگنېۋ ۋە بولېسلاۋ (يەنى كېيىنكى بولېسلاۋ Ⅲ) غا بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان، ئالدىنقىسى بۈيۈك پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىدا) ۋە مازوۋىيە (ۋىسلا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىم رايونىدا) گە ئىگە بولغان. كېيىنكىسى سىلېزىيە ۋە كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا) غا ئىگە بولغان. (2) ۋلادىسلاۋ Ⅰ لۇكېتېك (1260 - 1333). پولشا كورۇلى (1320 - 1333). 1275 - يىلى كۇجاۋى (پولشانىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا) غا كىنەز بولغان. كېيىن ئۇششاق ئاقسۆڭەكلەر ۋ بىر قىسىم شەھەر ئاھالىلىرىگە تايىنىپ، كىچىك پولشا (پولشانىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىدا)، پومورزې ۋە بۈيۈك پولشا (پولشانىڭ ئوتتۇرا غەرب قىسمىدا) نى قوشۇۋالغان. 1310 - ۋە 1311 - 1312 - يىللىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پوزنان ۋە كراكوۋتىكى نىمىس شەھەر ئاقسۆڭەكلىرى قوزغىغان توپىلاڭنى تىنچىتقان. 1327 - 1332 - يىللىرى ۋېنگرىيە ۋە لىتۋا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، تېئۇتون رىتسارلار پولكىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ھەمدە 1331 - يىلى پلوۋسې جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن.