Uyghurئاساسىي لۇغەت
فۇكاڭ شەھەرلىك بالىلار باغچىسى
دائىرە: شىنجاڭ مائارىپىبالىلار مائارىپى
1957 - يىلى فۇكاڭ ناھىيىلىك بالىلار باغچىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان. ئوقۇتۇشتا خەنزۇ تىلى
قوللىنىلىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3803 كۋادرات مېتىر، ئوقۇتۇش يەر كۆلىمى 1219 كۋادرات مېتىر. 1993 - يىلى سانجى ئوبلاستىدا 1 -
تۈركۈمدىكى 1 - دەرىجىلىك بالىلار باغچىسى بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. 1999 -
يىلى ئاپتونوم رايونلۇق تازىلىقتا قىزىل بايراقدار ئورۇن بولغان. 2000 - يىلى شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ پەن - تېخنىكا
پائالىيىتىنىڭ تەجرىبە بازىسى بولۇپ بېكىتىلگەن. باغچا شتاتى 53 نەپەر، 1992 - يلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 52 نەپەر. باغچىدىكى بالىلار 700 نەپەر.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.