Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فۇگگېر جەمەتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى富格尔家族
fù gé ěr jiā zú
ⅤⅩ - ⅦⅩ ئەسىرلەردە گېرمانىيەدىكى ئەڭ زور سودا - سانائەتچى ۋە جازانىخور جەمەت. بوۋىسى ھانىس فۇگگېر (1348 - 1409) ئەسلىدە توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بولۇپ، 1367 - يىلىدىن باشلاپ ئاۋگىسبۇرگتا كارخانا ئاچقان. ئۇنىڭ ئەۋلادى مۇشۇ شەھەردە ئولتۇراقلىشىپ، ئىتالىيىنىڭ يىپەك توقۇلما ماللىرى، ھىندىستاننىڭ خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى ۋە گېرمانىيەنىڭ يۇڭ توقۇلما ماللىرى، پاختا رەختلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ھابىسبۇرگ سۇلالىسى ۋە ۋاتىكانغا پۇل قەرز بەرگەن ھەمدە بەگلىكلەر ۋە چېركاۋلار ئۈچۈن ھەر خىل پۇللارنى، مەسىلەن: دىنىي چېركاۋلانىڭ گۇناھتىن ساقىت بولۇش بېلىتى سېتىشتىن بولغان كىرىمى قاتارلىقلارنى ۋەكالىتەن يىغقان. 1530 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى چارلېس Ⅴ تەرىپىدىن گراف ئۇنۋانى بېرىلگەن. يەنە ھابسبۇرگ خاندانلىقىدىن تىلور، ۋېنگرىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردا كۈمۈش، سىماب، مىس كانلىرىنى ئېچىش ھوقۇقىنى ئالغان. يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، يەنە ئامېرىكا قىتئەسى بىلەن سودا - سېتىق قىلىپ، پرودا مۇستەملىكە رايونى قۇرۇپ شۇ جايدىكى قىممەتلىك مېتاللارنى بۇلاپ - تالىغان،بۇ جەمەت باشقۇرغان سودا - سانائەتتە، كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىر قەدەر بالدۇر بارلىققا كەلگەن. ⅦⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سۇنغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.