Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
福尔马
دۇنيا تارىخى
ۋولمار
(1850 - 1922) گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرىنىڭ بىرى. ميۇنخېندىكى بيۇروكرات ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ياش ۋاقتىدا باۋارىيە ئاتلىق ئەسكەرلەر پولكىدا خىزمەت ئۆتىگەن. 1870 - يىلى پرۇسسىيە قوشۇنىغا خىزمەت قىلىپ، پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن پارىژ ۋە سيۇرىختا سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىلىم ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. 1875 - يىلى سوتسىيالىزم ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1879 - 1880 - يىللىرى سيۇرىختا پارتىيىنىڭ ئورگان گېزىتى <سوتسىيال دېموكراتلار> نىڭ تەھرىرى بولغان. كۆپ قېتىم ساكسونىيە شتاتلىق پارلامېنتى، گېرمانىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتى ۋە باۋارىيە شتاتلىق پارلامېنتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1891 - يىلدىن ئېتىبارەن سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىنى پارلامېنت پارتىيە - ئۆمەك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، سىنىپىي ھەمكارلىقنى تەرغىپ قىلغان. ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى كۆككە كۆتۈرگەن، كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا پارلامېنت كۈرىشى ئارقىلىق <تىنچ يول بىلەن ئۆتۈش> نى تەشەببۇس قىلغان. 1891 - يىلى ئېنگېلس ماركسنىڭ <گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد> نى ئاشكارا ئېلان قىلىپ ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال شوۋىنىزمچىغا ئايلىنىپ كەتكەن.