Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
富尔昆王朝
دۇنيا تارىخى
فۇلكۇڭ خاندانلىقى
(1) شۋېتسىيەدىكى فېئودال خاندانلىق (1250 - 1365، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 1363). 1250 - يىلى نائىب گراف بىرگېر (؟ - 1266) ئوغلى ۋالدېمار (تەخمىنەن 1238 - 1302)نى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن، بۇ فۇلكۇڭ خاندانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ۋالدېمار 1275 - ئۇكىسى ماگنۇس تەرىپىدىن زىندانغا تاشلانغان. ماگنۇس تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (1275 - 1290)، پادىشاھلىق ھاكىمىيەت كۈچىيىپ، سىياسىي ۋەزىيەت تىنچ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن فېئوداللار ئىچكى يىغىلىقى يۈز بەرگەن. 1365 - يىلى ماگنوس Ⅱ ئاقسۆڭەك كىچىك ئالبرېخت (تەخمىنەن 1340 - 1412) تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، خاندانلىق ئاخىرلاشقان. فۇلكۇڭ خاندانلىقى دەۋرىدە، شۋېتسىيىنىڭ شەھەر ئىگىلىكى تەرەققى قىلىپ، ستوكھولم پايتەختكە ئايلانغان. (2) نورۋىگىيىدىكى فېئودال خاندانلىق. 1319 ـ شۋېتسىيە فۇلكۇڭ خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى ماگنوس Ⅱ نىڭ ئانىسى نورۋىگىيە كورۇلىنىڭ قىزى بولغانلىقى ئۈچۈن، نورۋىگىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ماگنۇس Ⅶ دەپ ئاتالغان. بۇ، نورۋىگىيە فۇلكۇڭ خاندانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. 1387 - يىلى ئولاۋ Ⅴ (1370 - 1387) ئۆلگەندىن كېيىن، ۋارىسلىق قىلىدىغان پەرزەنتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئانىسى - دانىيىنىڭ كورۇلىۋاسى مارگرېت (1353 - 1412) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەمدە دانىيە (1387 - يىلى)، شۋېتسىيە (1388 - يىلى، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە 1389 - يىلى) بىلەن قوشۇلغان. 1397 - يىلى ئۈچ دۆلەت كالمار ئىتتىپاقىنى رەسمىي تۈزگەن.