Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فۇداۋ جۇڭچىن
دائىرە: دۇنيا تارىخى副岛种臣
fù dǎo zhǒng chén
(1828 - 1905) ياپونىيە مېيجى دەۋرىدىكى ۋەزىر. ساگا ۋاسساللىقىدىن. لەقىمى ساڭخەي. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا نەنگوڭ ھەققانىيەتچىلەر ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، پادىشاھنى ئىززەتلەش - ئەجنەبىيلەرنى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. 1863 - يىلى ۋاسسال مەكتىپىنى باشقۇرغان 1864 - يىلى ناگاساكىدا مەھكىمە قۇرۇپ ئۆزى مۇپەتتىش بولۇپ، غەربىي ياۋرۇپانىڭ سىياسىي - ئىقتىسادىي تۈزۈمىنى تارقاتقان. مېيجىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا مەسلىھەتچى بولۇپ، <سىياسىي تۈزۈلمە> نى تەييارلاشقا قاتناشقان. 1869 - يىلى، كېڭەش ئەزالىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1871 - يىلى تاشقى ئىشلار كاتىپى بولغان. 1873 - يىلى 2 - ئايدا تولۇق ھوقۇقلۇق ئەلچى بولۇپ <جۇڭگو - ياپونىيە يارىشىش قائىدە - نىزامى>نى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭغا كەلگەن ھەمدە كيو سىيۇ بېلىقچىلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ تەيۋەندىكى گاۋشەن مىللىتىنىڭ ماجىراسىدىن پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ماجىرا تۇغدۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلغان. شۇيىلى 10 - ئايدا، <كورىيىگە يۈرۈش قىلىش>نى تەشەببۇس قىلغانلىقى سەۋەبى بىلەن، خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبور بولغان. 1874 - يىلى 1 - ئايدا ئىتاگاكى قاتارلىقلار بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلەر پارتىيىسىنى تەشكىل قىلىپ، دېموكراتىك سايلام پالاتاسى قۇرۇش تەكلىپنامسىنى ئوتتۇرغا قويغان، لېكىن ئەركىن خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىگە قاتناشمىغان. 1879 - يىلى ئوردا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان. 1888 - يىلى مۇھىم ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان. 1894 - يىلى زوراغالىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن زوراغاسى بولغان. 1892 - يىلى 3 - ئايدا ماتسۇكاتا ئىچكى كابېنتىنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن. خەتتاتلىق قىلغان، خەنزۇچە شېئىرىمۇ بارغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.