Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فېتزگېرالد
دۇنيا تارىخى
菲茨杰拉德
fēi cí jié lā dé
(1896 - 1940) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. مىننېسوتا شتاتىدىكى ئىرلاندىيىلىك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1913 - يىلى پرىنستون داشۆسىدە ئوقۇغان، 1917 - يىلى ئوقۇشتىن توختاپ ئەسكەرلىككە كىرىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇزاققىچە پارىژدا تۇرۇپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1920 - يىلى <بۇ دۇنيادىكى راھەتباغ> دېگەن تۇنجى رومانى بىلەن دىققەت - ئېتىبارنى قوزغىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىىڭ تولىسىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى <دژارلار دەۋرى> دەپ ئاتالغان ئامېرىكىدىكى <گاڭگىراپ قالغان> ياشلارنىڭ دۇنيادىن بىزار بولۇش كەيپىياتى ۋە شاللاق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىمۇ چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ئىقتىسادىي قىيىن ئەھۋالدا قالغان. ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن، ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدا ھوللىۋود ئۈچۈن ئەسەر يېزىپ بېرىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان. يۈرەك ئاغرىقى بىلەن ئۆلگەن. ئاساسىي ئەسەرلىرى: <بۈيۈك ئادەم گايتىسبى>، <نازاكەتلىك كېچە> ۋە ئۆلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان <ئەڭ ئاخىرقى ماگنات> قاتارلىقلار.