Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىتوخروم
بىئولوگىيە
植物光敏素
zhíwùguāngmǐnsù
بۇ ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىگە كەڭ تارقالغان بىرخىل ئاقسىللىق پىگمېنت. ئۇ ھۈجەيرە پەردىسىگە مۇقىم تىزىلىدۇ، ئاكتىپلاشقان تىپ (PFr) ۋە پاسسىپ تىپ (Pr) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ھالەتتە مەۋجۇت بولىدۇ. پاسسىپلاشقان تىپى قىزىل نۇرنى سۈمۈرگەندىن كېيىن ئاكتىپلاشقان تىپقا ئۆزگىرىدۇ، ئاكتىپلاشقان تىپى يىراق قىزىل نۇرنى سۈمۈرگەندىن كېيىن يەنە پاسسىپلاشقان تىپقا ئۆزگىرىدۇ. ئىككى خىل ھالەتنىڭ ئۆزئارا ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى تەڭشىلىپ تۇرىدۇ. ئۆسۈملۈك ئاساسەن فىتوخروم ئارقىلىق سىرتقى مۇھىتتىكى يورۇقلۇق سىگنالىنى قوبۇل قىلىپ يورۇقلۇق مورفولوگىيىسى (ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى، غول ۋە يوپۇرماقنىڭ ئۆسۈشى، تۆۋەنكى تۆرەلمە ئوق ئىلمىكىنىڭ ئۇزىرىشى ھەمدە گۈل بىىىنىڭ دېففېرېنسىيىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈك پەسلىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئېكولوگىيىلىك شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىدۇ. فىتوخرومنىڭ ئۆسۈملۈك تېنى ئىچىدىكى رولى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىككى يۆنىلىشلىك قايتا فوتوخىمىيىلىك ئايلىنىش، قاراڭغۇدا Pfr تەتۈر ئايلىنىپ Pr غا ئۆزگىرىدۇ، ياكى پارچىلىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. Pfr فىتوخرومنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئاكتىپلىققا ئىگە شەكلى بولۇپ، ئۇ بەزى مېتابولىزم مەھسۇلاتى ]X[ بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ Pfr.X مۇرەككەپ بىرىكمىنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە فىزىئولوگىيىلىك رول ئوينايدۇ.
ئۆسۈملۈك
植物光敏素
zhí wù guāng mǐn sù