Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانىس جوسېف
دائىرە: دۇنيا تارىخى弗郎茨.约瑟夫一世
fú láng cí .yuē sè fū yí shì
(1830 - 1619) ئاۋستىرىيە كورۇلى (1848 - 1916)، ئاۋسترىيە - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى، قوشۇمچە ۋېنگرىيە خانى (1867 - 1916). تەختتە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، <ئاۋسترىيە ئىمېرىيسىنىڭ بىرلىكى>نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نامى بىلەن <يېڭى مۇستەبىتلىك>نى يولغا قويۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەن. 1849 - يىلى ۋېنگرىيە ئىنقىلابىنى باستۇرغان. 1859 - يىلى ئىتالىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىدە ساردىنىيە پادىشاھلىقى ۋە فرانسىيە ئارمىيىسىدىن يېڭىلىپ، لومباردىيىگە بولغان ھۆكۈمرانلىقىدىن مەھرۇم بولغان. 1866 - يىلى پرۇسسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، گېرمانىيە فېدېراتسىيىسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان. 1867 - يىلى ۋېنگرىيە ئاقسۆڭەكلىرى بىلەن مۇرەسسەلىشىپ، ئىككى باشلىقلىق تۈزۈمىدىكى ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان. 1879 - يىلى گېرمانىيە بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق شەرتنامىسى ئىمزالىغان، كېيىن يەنە 1882 - يىلى گېرمانىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئىتالىيىدىن ئىبارەتئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بالقانغا بولغان تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىكنى جىددىيلەشتۈرۈپ، روسىيە بىلەن بولغان زىددىيەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۋەتكەن. 1914 - يىلى سارايېۋو ۋەقەسى سەۋەبىدىن، گېرمانىيەنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، سېربىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.