Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيىگە قارام ئېكۋاتور ئافرىقىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيەنىڭ ئافرىقىنىڭ ئوتتورا رايونلىرىدىكى مۇستەملىكىسىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، چاد، ئۇبانگى چارى (ھازىرقى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى)، مەركىزى كونگو (ھازىرقى كونگو جۇمھۇرىيىتى) ھەمدە گابون قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 1910 - يىلى قۇرۇلغان. 1911 - يىلى گېرمانىيىگە <ئۆتۈنۈپ> بېرىش ئارقىلىق گېرمانىيىنى فرانسىيەنىڭ ماراكەشكە بولغان ھامىيلىق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرشىدىن كېيىن فرانسىيىگە ياندۇرۇپ بېرىلگەن. فرانسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋالىي تۇرغۇزۇپ، بارلىق سىياسىي ئىشلارنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۋالغان. تۆت رايوننىڭ ھەربىرىگە بىر نەپەردىن ئەمەلدار قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلك ۋالىي ئالدىدا جاۋبكار بولغان. 1957 - يىلى بۇ تۆت رايون ئايرىم - ئايرىم ھالدا <يېرىم ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيەت>كە ئۆزگەرتىلگەن ۋە ھەربىرىدە يەرلىك پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەت كومىتېتى تەسىس قىلغان، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا فرانسيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلك ۋالىيسىنىڭ قولىدا بولغان. 1959 - يىلى تۆت رايون <فرانسىيە ئورتاق گەۋدىسى> ئىچىدىكى ئاپتونومىيە جۇمھۇرىيىتى بولغان. 1960 - يىلغا كەلگەندە ئارقىمۇ ئارقا مۇستەقىللىككە ئېرىشكەن.