Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
佛罗伦萨共和国
fú luó lún sà gòng hé guó
ⅡⅩ - ⅥⅩ ئەسىرلەردە ئىتالىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شەھەر دۆلىتى. ئارنو دەرياسى بويىغا جايلاشقان. ئەسلى قەدىمكى رىمنىڭ بىر شەھەر بازىرى بولغان. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەرقىي گوتلارغا قارام بولغان. مىلادى Ⅵ كېيىنكى يېرىمدا لومباردىيىلىكلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۋېلىنغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرى فرانك پادىشاھلىقىىغا قوشۇۋېتىلگەن. 1115 - يىلى مۇستەقىل شەھەر جامائەسى بولۇپ قۇرۇلغان. سودا، قول سانائەت، بولۇپمۇ يۇڭ توقۇمچىلىق تەرەققى تاپقان، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىمۇ خېلى گۈللەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قويۇپ چىققان مېتال پۇلى فلورېن ياۋرۇپادا ئوبوروت قىلىنغان. دەسلەپ ھاكىمىيەتنى ئاقسۆڭەكلەر ئىگىلىۋالغان بولۇپ، 1293 - يىلدىن باشلاپ، كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قولىغا ئۆتكەن. <ئادالەت قائىدە نىزامى>دىكى بەلگىلىمىلەر بويچە، چوڭ كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنڭ يەتتە نەپەر ۋەكىلى ۋە ئوتتۇرا - كىچىك كەسىپداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىككى نەپەر ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپقان مۆتىۋەرلەر كېڭەشمىسى ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى قىلىنغان. ئۇنىڭ باشلىقى <ئادالەت بايراقدارى> دەپ ئاتالغان. ⅣⅩ ئەسىردە يۇڭ توقۇمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەر ئىچىدە كاپىتالىزم بىخلانغان. 1378 - يىلى مويكا ئىشچىلىرى قوزغىلىڭى پارتلىغان، بۇ تارىختىكى ياللانما ئىشچىلىرىنىڭ مانافاكتورا (ئىشخانا) خوجايىنلىرىغا قارشى تۇنجى قېتىملىق قوزغىلىڭى. 1434 - يىلى مېدىچ جەمەتى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، تىران ھاكىمىيىتىنى بەرپا قىلىپ، فلورېنسىيىنىڭ تاجىسىز خاقانىغا ئايلانغان. مېدىچ جەمەتى مەدەنىيەتكە رىغبەتلەندۈرۈپ، فلورېنسىيىنى ئىتالىيىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرغان. 1494 - 1498 - يىللىرى، ساۋونارولا رەھبەرلىكىدىكى ئاددىي خەلق قوزغىلىڭى پارتلىغاندا، باستۇرۋېتىلگەن. يېڭى دېڭىز يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، ياۋرۇپا سودا يولى ۋە سودا مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيان بويلىرىغا يۆتكىلىشى بىلەن، فلورېنسىيىنىڭ سودا - سانائەت ئىشلىرى پەيدىنپەي چۈشكۈنلەشكەن. 1532 - يىلى فلورېنسىيە كىنەزلىكىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1569 - يىلى مېدىچ جەمەتى چوڭ كىنەز ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، توسكانا كىنەزلىكىنى قۇرغان. 1739 - يىلدىن باشلاپ ئاۋستىرىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا بولغان. 1860 - يىلى ساردىنىيە پادىشاھلىقىىغا بىرلەشتۈرۈۋېلىنغان. ئىككىنچى يىلى ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.