Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانكې ئارىلى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيىدىكى رايوننىڭ نامى. ئەسلى سېنا دەرياسى ھەمدە ئۇنىڭ تارمىقى ئوسې دەرياسى بىلەن مارنې دەرياسى ئوتتۇرىسىدىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شەكلى ئارالغا ئوخشاپ كەتكەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. پارىژ بۇ يەردىكى مۇھىم شەھەر. دەسلەپكى چاغلاردا كاپېتېنىس سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىنىڭ خوجىدارلىق يېرى بولۇپ، كېيىن فرانسىيەنىڭ مەركىزىي رايونى بولۇپ قالغان.