Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانكونىيە
دائىرە: دۇنيا تارىخى法兰克尼亚
fǎ lán kè ní yà
گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تارىخىي رايوننىڭ نامى. ئىلگىرى بۇ ئەتراپتا فرانكلار ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن فرانكونىيە دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ باۋارىيە، بادېن - ۋۇرتتېمبېرگ ۋە خېسسېن ئوبلاستىلىرىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە كىنەزلىك قۇرۇلغان. كېيىن غەربىي فرانكونىيە ۋە شەرقىي فرانكونىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 2410 - يىلى فرانكونىيە ماركىزى كونراد مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ، فرانكونىيە سۇلالىسىنى قۇرغان. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن فرانكونىيە مەخسۇس شەرقىي فرانكونىيىنى كۆرسەتكەن. 1524 - 1525 - يىللىرى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانكونىيە قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدىن بولۇپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.