Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فرانكو
دائىرە: دۇنيا تارىخى佛郎哥
fó láng gē
(1892 - 1975) ئىسپانىيىلىك ئىستىبداتب فرانكوچىلارنىڭ كاتتىبېشى. ھەربىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. ئالكاسار ھەربىي ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. كۆپ قېىتم ماراكەش خەلقنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1928 - يىلدىن تارتىپ ساراگوسا ھەربىي ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1935 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە شتاب باشلىقى بولغان. 1936 - يىلى 2 - ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، كانارىي تاقىم ئارىلىدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان. شۇيىلى 7 - ئايدا فاشىست ھەربىيلەرنى باشلاپ توپىلاڭ قوزغاپ، ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرش ئارقىلىق 1939 - يىلى 3 - ئايدا مادرىدنى ئېلىپ، جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقنى تىكلىگەن. ئۆزى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە گېنېراللىسمۇس بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پىدائىيلار قوشۇنى - <يېشىل دىۋىزىيى>نى ئەۋەتىپ، گېرمانىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. 1947 - يىلى ئىسپانىيەنى پادىشاھلىق دۆلەت دەپ جاكارلاپ، ئۆزى دۆلەت باشلىقى، قوشۇمچە مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ رەئىسى (زۇڭلى) بولۇۋالغان. 1969 - يىلى 7 - ئايدا سابىق پادىشاھ ئالفونسو ⅢⅩ نىڭ نەۋرىسى خوئان كارلوس (1938 - )نى تەخت ۋارىسى دەپ جاكارلىغان. 1975 ـ يىلى 11 - ئايدا كېسەل بولۇپ، ئۆلگەن.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى弗朗库
fú lǎng kù
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.