Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فوتوسىنتېز كۈچىنىشى
بىئولوگىيە
光合强度
guānghéqiángdù
فوتوسىنتېز تېزلىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۆسۈملۈك فوتوسىنتېز جەريانىدا، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە، بىرلىك يوپۇرماق يۈزىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىنىڭ مىللىگرام سانى. ئادەتتە ئۆلچىنىدىغان فوتوسىنتېز كۈچىنىشى يوپۇرماقنىڭ نەپەسلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، شۇڭا ئۆلچەنگەن نەتىجە سانى ئەمەلىيەتتە فوتوسىنتېز بىلەن نەپەسلىنىشنىڭ ئايرىمىسى بولۇپ، كۆرۈنۈشتىكى فوتوسىنتېز تېزلىكى ياكى ساپ فوتوسىنتېز تېزلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆلچەنگەن نەپەسلىنىش تېزلىكىنى كۆرۈنۈشتىكى فوتوسىنتېز تېزلىكىگە قوشساق ھەقىقىي فوتوسىنتېز تېزلىكى كېلىپ چىقىدۇ. يەنى ھەقىقىي فوتوسىنتېز تېزلىكى = كۆرۈنۈشتىكى فوتوسىنتېز تېزلىكى + نەپەسلىنىش تېزلىكى.