Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فورتالېزا
دائىرە: دۇنيادىكى شەھەرلەر福塔类萨
fú tǎ lèi sà
برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئاتلانتىك ئوكيان بويىدىكى پورت شەھەر، سېئارا شىتاتىنىڭ مەركىزى. بۇ شەھەر پارنايىبو دەرياسىنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ئاھالىسى شەھەر رايونى بىلەن قوشۇلۇپ بىر مىليون 900 مىڭدىن ئاشىدۇ. فورتالېزا 1611 - يىلى سېلىنغان، 1823 - يىلى شەھەر بولۇپ قۇرۇلغان 19 - ئەسىردىن باشلاپ تاشيول ھەم تۆمۈر يوللارنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، زامانىۋى پورت شەھىرىگە ئايلانغان. ئىقتىسادىي جەھەتتە پورت سودىسىنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى جەھەتتە توقۇمىچىلىق، تېرە - خۇرۇم، ھەرخىل يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاسس قىلىدۇ. برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى رايونى بويىچە مۇھىم بېلىقچىلىق ھەم بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. برازېلىيىنىڭ شەرقىي شىمالى رايونى بويىچە مۇھىم بېلىقچىلىق ھەم بېلىق مەھسۇلاتىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. شەھەرنىڭ ھەرخىل قون سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىمۇ تەرەققىي قىلغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى福塔莱萨
fú tǎ lái sà
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.