Uyghurئاساسىي لۇغەت
فولسوم مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
شىمالىي ئامېرىكىنىڭ كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى مەدەنىيىتى. ئەڭ دەسلەپ يېڭى مىكسىكا شتاتىدىكى فولسوم شەھىرنىڭ جىلغىسىدا تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. شىمالىي ئامېرىكا چوڭ تۈزلەڭلىكىدە كەڭ تارقالغان. ئۇچلۇق تاش قوراللارنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكى قىلغان بولۇپ، تار ۋە ئۇزۇن كېلىدىغان نەيزە ئۇچى بولۇپ، ئىككى تەرىپى ياسالغان، ئاستىغا ئوقۇر چىقرىلغان، بەزىلىرىنىڭ تۈۋى تەرىپىگە يەنە ئىككى كىچىكرەك ئۈچ چىقىرىلغان. ئوقۇرلۇق ئۇچلۇق قوراللار پەقەت روسكۇ تېغىنىڭ قاپتىلىغىل تارالغان. ئۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئوقۇرسىز ئۇچلۇق قوراللار شىمالىي ئامېرىكا چوڭ تۈزلەڭلىكىنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارقالغان. كولۇرادو شتاتىنىڭ لېنتسبۇرگ دېگەن يېرىدىكى لىندىنمارخارابىسى مۇشۇ مەدەنىيەتنىڭ تىپىك خارابىسى ھېسابلىنىدۇ. تۇرار خاينىڭ ئىزى تېپىلمىغان. ئوچاق ئەتراپىدىن تېپىلغان ئالتە مىڭدىن ئارتۇق نەرسە ئىچىدە تىپىك فولسوم ئۇچلۇق قورالى ۋە ھەرخىل شەكىلدىكى قىرىش ئەسۋابى، تاش بولقا، يەنە قۇش سۆڭەكلىرىدىن ياسالغان يىڭنە ۋە مارجان قاتارلىقلار بار.