Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فوكىس
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
福基斯
fú jī sī
دۇنيا تارىخى
福克斯
fú kè sī
(1749 - 1806) ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى. چوڭ ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1768 - يىلى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1770 - 1772 - يىللىرى دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى بولغان. 1772 - 1774 - يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. شىمالىي ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش، فرانسىيە ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلىش، ئەنگلىيەنىڭ ناپولېئونغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشقا زەربە بېرىش ۋە كىچىك پېتىنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىڭ تالاش - تارتىشىغا ئارىلاشماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان. 1797 - 1801 - يىللىرى سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 1806 - يىلى كىچىك پېت ۋاپات بولغاندىن كېيىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ، ناپولېئون بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈشكە تىرىشقان. <سىياسىي نوتۇق توپلىمى>، <ئەسلىمە ۋە خەت - چەكلەر> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.