Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىنىك ھەرپلىرى
دۇنيا تارىخى
腓尼基字母
féi ní jī zì mǔ
قەدىمكى فىنىكلەر ئىجاد قىلغان ئېلىپبەلىك يېزىق. فىنىكىيە (ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا)دىكى ھەرقايس شەھەرلەر سودا - سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئالدىنقىلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنڭ يېزىق سېستىىسىنى ئىجاد قىلغان. ئومۇمەن مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅤⅩ ئەسىردە، سۈرىيە ۋە پەلەستىن رايونىدىكى سەمىتلەر مىسىر ئېرگېلېف يېزىقنىڭ تەسىرىدە 26 ھەرپنى، يەنى سىناي يېرىم ئارىلىدىن تېپىلغان قەدىمكى ئويما يېزىقىدا قوللىنىلغان ھەرپلەر (سىناي ھەرپلىرى)نى تۈزۈپ چىققان. تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى ⅢⅩ ئەسىردە فىنىكىيەنىڭ چوڭ شەھىرى بىبىل سىناي ھەرپلىرىنىڭ تەسىرىدە 22 ئۈزۈك ھەرپلىرىنى ئىجاد قىلغان. فىنىكىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى ئۇگارىت شەھىرىمۇ مېسوپوتامىيە ۋادىسىنىڭ مىخ يېزىقىنىڭ تەسىرىدە 29 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرىنى تۈزۈپ چىققان. كېيىن ئۇگارىت ھەرپلىرى تەدرىجىي ھالدا بىبىل ھەرپلىرى تەرىپىدىن شاللاپ چىقىرىلىپ، بىبىلنىڭ 22 ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپلىرى (سوزۇق تاۋۇش يوق) ئاساسىدكى يېزىق سېسىتىمىسى كەڭ تارقالغان. فىنىڭ ھەرپلىرى قەدىمكى گرىك ھەرپلىرىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن، گرېك ھەرپلىرىدىن لاتىن ھەرپلىرى ۋە سىلاۋىيان ھەرپلىرى ھاسىل بولغان، شۇڭا فىنىك ھەرپلىرى كېيىنكى غەرب ئەللىرى يېزىقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقتە، فىنىك ھەرپلىرى، ئارامېيان ھەرپلىرى ۋە ئەرەب ھەرپلىرى، ھىندى ھەرپلىرى، ئەرمەنىيە ھەرپلىرى قاتارلىقلارغىمۇ مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، فىنىكىيىلىكلەرنىڭ ھەرپ سېستىمىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشۇلغان زور تۆھپىدۇر.