Uyghurئاساسىي لۇغەت
فلۇبېر
دۇنيا تارىخى
(1821 - 1880) فرانسىيىلىك تەنقىدىي رىئالىزملىق يازغۇچى.رۇئانلىق بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارىژدا قانۇن ئۆگەنگەن. كېسەل بولۇش سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختىغان. كېيىن رۇئانغا قايتىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1857 - يىلى تۇنجى رومانى <بوۋارى خانىم>نى ئېلان قىلىپ، بۇرژۇئازىيەنىڭ ئەخلاق جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ كاپىتالىزمنىڭ <گۈللەنگەن> دەۋردىكى ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا بولغان نارازىلىق كەيپىياتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا ھۆكۈمەت بۇ كىتابنى <ئۆرپ - ئادەتكە مۇخالىپ> دەپ قاراپ، ئۇنى ئەرز قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن تارىخىي تېمىدىكى ئىجادىيەتكە كىرىشىپ كەتكەن. شەرققە ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا بېرىپ كۆپ قېتىم ساياھەت قىلغان. 1862 - يىلى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىكى كارفاگېن ياللانما قوشۇنى بىلەن خەلق قوزغىلىڭىنى تەسۋىرلەيدىغان تارىخىي رومان <ساراڭپو> نى ئېلان قىلغان. 1869 - يىلى ئۈچىنچى رومانى <ھىسسىيات تەربىيىسى>نى ئېلان قىلغان. ئۇ، 1848 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئوبرازلىق يىلنامە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پارىژ كوممۇنىسىغا قارشى تۇرغان. خەت - چەكلەر توپلىمى ۋە ئەسەرلىرى بار.