Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىلىپپىننىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى 21 ماددىلىق پروگراممىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى菲律宾抗日十二项纲领
fēi lǜ bīn kàng rì shí èr xiàng gāng lǐng
فىلىپپىن كومپارتىيىسى تۈزگەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش - ۋەتەننى قۇتقۇزۇش پروگراممىسى. 1940 - يىلى 12 - ئايدا، ياپون ئارمىيىسى فىلىپپىنگە ھۇجۇم قىلغان، ئامېرىكا - فىلىپپن قوشۇنلىرى تېزلا تىرىپىرەن بولغان. فىلىپپىن كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى 12 - ئاينىڭ 7، 10 - كۈنلىرى پەۋقۇلئاددە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى <12 ماددىلىق پروگرامما>نى ماقۇللاپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشقا چاقىرغان، كەڭ ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ياپون باسقۇنچىلىرىغا بىردەك قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، پروگراممىدا ئاپتونوم ھۆكۈمەتكە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمتىگە سادىق بولۇش ۋەدە قىلىنغان. لېكىن ئاپتونوم ھۆكۈمەت ئۇنى رەت قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.