Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىلمورىي
دۇنيا تارىخى
菲尔莫尔
fēi ěr mò ěr
(1800 - 1874) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1850 - 1853). خويگلاردىن. نيۇ - يورك شتاتىدا تۇغۇلغان. 1822 - يىلى ئادۋوكات بولغان. 1829 - 1831 - يىللىرى نيو - يورك شتاتىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1833 - 1835 - يىللىرى ۋە 1837 - 1847 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1849 - يىل مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بولغان. 1850 - يىلى 7 - ئايدا زۇڭتۇڭ تايلور كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ ئورنىغا زۇڭتۇڭ بولغان. <1850 - يىلدىكى مۇرەسسە لايىھىسى> بويىچە جەنۇپ - شىمال ئوتتۇرىسىدىكى قۇللۇق تۈزۈم مەسىلىسىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈش؛ باجنى تۆۋەنلىتىپ، كاپىتالىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قاچقان قۇللارنى تۇتۇش قانۇنىنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان شۇنداقلا خۇيگ پارتىيىسىنى مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر پارتىيە قىلماقچى بولغان. لېكىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمىغان.