Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىلارېت
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1554 - ياكى 1555 - 1633) ئادەتتىكى نامى فېدرو نىكىتىچ رومانوۋ، رۇس چوڭ ئاقسۆڭىكى، موسكۋا ۋە پۈتۈن روسىيە پراۋوسلاۋىيە دىنىنىڭ باش ئېپىسكوپى (1619 - 1633)، چار پادىشاھ مىخائىل فېدوروۋىچنىڭ دادىسى. روستوۋ ۋە تۇشنو ئارخېئېپىسكوپى بولغان. 17 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، پولشا فېئوداللىرى روسىيىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغاندا قولغا ئېلىنىپ، پولشادا قاماققا ئېلىنغان. 1618 - يىلى 12 - ئايدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى پولشا بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن، 1619 - يىلى بوشىتىلىپ ۋەتىنىگە قايتۇرۇلغان. موسكۋاغا كەلگەندىن كېيىن ئوغلى تەرىپىدىن باش ئېپىسكوپلۇققا تەيىنلەنگەن، بارلىق پەرمانلارنى چار پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئىمزالاپ جاكارلىغان. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان ئون نەچچە يىلدا، دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھۆكۈمرانى بولۇپ، <بۈيۈك شاھ> دەپ ئاتالغان. ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، كىچىك ئاقسۆڭەكلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويغان؛ دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، يانچىلىق تۈزۈمىنى قوغدىغان.