Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىجى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىفىجىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلاتى بولۇپ، 1926 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى فىجىنىڭ پايتەختى سۇۋادا. مەقسىتى: فىجى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىسلام ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دىنىي تەربىيىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇش، ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىنگلىز ۋە ئوردو تىلىدا <مۇسۇلمانلار ساداسى> ناملىق ژۇرنال چىقىرىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.