Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فېييېرباخ
دۇنيا تارىخى
费尔巴哈
fèi ěr bā hā
(1804 - 1872) گېرمانىيىلىك ماتىرىيالىستىڭ پەيلاسوپ.باۋارىيىلىك قانۇنشۇناس ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1828 - يىلى ھېيدېلبېرگ داشۆسىدە ئىلاھىيەتنى ئۆگەنگەن. ياندۇرقى يىلى بېرلىن داشۆسىگە كىرىپ پەلسەپەنى تەتقىق قىلغان. 1828 - يىلدىن باشلاپ ئىرېلانگېن داشۆسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، پەلسەپە تارىخى، لوگىكا ۋە مېتافىزىكىدىن دەرس بەرگەن. 1830 - يىلى <ئۆلۈم ۋە ئۆلمەيدىغان ئىدىيە توغرىسىدا> دېگەن كىتابنى ئىسىمسىز ئېلان قىلىپ، خرىستىئان چېركاۋىغا چېقىلىپ قويغانلىقتىن، خىزمەتتىن بوشىتىلغان. 1836 - يىلىدىن باشلاپ 20 نەچچە يىل تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاپ، مەخسۇس پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1839 - يىلى گېگېل پەلسەپىسىدىن ئۈزۈل - كېسىل قول ئۈزۈپ، پەيدىنپەي ماتېرىيالىست بولۇپ قالغان. 1848 - 1849 - يىللاردىكى گېرمانىيە ئىنقىلابىي مەزگىلىدە، چېركاۋغا ۋە فېئوداللىق تۈزۈمگە قارىتا تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىدە تۇرغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تۇرمۇشى ئىنتايىن نامراتلىقتا ئۆتكەن، شۇنداقلا سوتسىيالىزم نەزەرىيىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتكەن. 1870 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال - دېموكرات ئىشچىلار پارتىيىسى (ئېيزىناخچىلار)گە كىرگەن. ئۇنىڭ ئاساسىي تۆھپىسى شۇكى، ئىدېئالىزم گېرمانىيە پەلسەپە ساھەسىدە نەچچە ئون يىل ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن، ماتېرىيالىزمنىڭ نوپۇزىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. تەبىئەتنىڭ ئاڭدىن ئايرىلغان ھالدا مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى، ماكان، زامان ۋە مېخانىك ھەرىكەتنىڭ ماددىنىڭ مەۋجۇدىيەت شەكلى ئىكەنلىكىنى، ئادەمنىڭ تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى، تەپەككۇر بىلەن مەۋجۇدىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمنىڭ ئوبىكتىپ دۇنيانى ۋە ئوبىكتىپ قانۇنىيەتنى بىلەلەيدىغانلىقىنى پەلسەپە جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئۇنىڭ ماتېرىيالىزمى ئانتروپولوگىزم شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن. لېكىن ئۇ ئىنقىلابىي ئەمەلىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى دىئالىكتىك رولىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن، ئادەمنى پەقەت تارىختىن ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بىر خىل جانلىق مەخلۇق دەپ قارىغان، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىدېئالىستىك ھالدا چۈشەندۈرگەن. دىننى ئىنكار قىلغان، بىراق يەنە بىر خىل خۇداسىز <دىن> نى بەرپا قىلىش ئارقىلىق سىنىپتىن تاشقىرى <مۇھەببەت> نى تەرغىپ قىلىشقا ئۇرۇنغان. گېگېلنىڭ ئىدېئالىزمىنى تەنقىد قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە دىئالېكتىكىدىن ۋاز كەچكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ماتىرىيالىزمى مېتافىزىكىلىق چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ قالغان. ماركس، ئېنگلېس ئىنقىلاب ئەمەلىيىتى ئاساسىدا، فېييېرباخ پەلسەپەسىنىڭ <ئاساسىي مېغىزى>نى تەنقىدىي قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىدېئالىستىك ۋە مېتافىزىكىلىق ئەخلەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىلمىي، ئىنقىلابىي دىئالىكتىك ماتىرىيالىزمنى بەرپا قىلغان، شۇڭا فېييېرباخ پەلسەپىسى ماركسىزملىق پەلسەپىسىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <گېگېل پەلسەپىسىگە تەنقىد>، <خرىستىئان دىنىنىڭ ماھىيىتى>، <كەلگۈسىدىكى پەلسەپە قائىدىلىرى> قاتارلىقلار بار.
ئىستېتىكا
فېييېرباخ (1872 - 1804)
费尔巴哈(Ludwig Andreas Feuerbach,1804--1872),德国唯 物主义哲学家
fèi ěr bā hā (Ludwig Andreas Feuerbach,1804--1872),dé guó wéi wù zhǔ yì zhé xué jiā wù zhǔ yì zhé xué jiā