Uyghurئاساسىي لۇغەت
فەۋۋارە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئېتىلىپ چىقىدىغان بۇلاق، فونتان:
كۆزۈمدىن قەترە - قەترە ئەشك گۇلگۇنۇمنى ساچقاندىن،
جۇنۇن خەيلى تەماشا قىلغالى فەۋۋارەسى دەرلەر.
زەلىلى.
مەۋجلەردىن داملەر قوي ئىستەسەڭ مۇرغى ۋىسال،
ياش سۇيىدە ئىشتىياقىدىن ئىكى فەۋۋارە قىل.
مەشھۇرى.