Uyghurئاساسىي لۇغەت
فەسانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھېكايە، داستان، سەرگۈزەشت؛ ئەپسانە، ئويدۇرما:
تۇرۇپ ئېدى ناگاھ فەسانە تۈزۈپ،
تۆمۈرچى يۈگۈردى تەرانە تۈزۈپ.
غەرىبى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھېكايە، داستان، ئېرتەك؛ سەرگۈزەشتە؛ ئەپسانە، ئويدۇرما، خىيالىي رىۋايەت؛ فەسانە ئېيتماق - ھېكايە ئېيتماق، سەرگۈزەشتىنى سۆزلەپ بەرمەك؛ فەسانە پەيۋەندە، فەسانە پەرداز - ھېكايە ئېيتقۇچى، داستانچى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: دىدى بەئدە قىلغىل فەسانە ماڭا، كى ئەي قىز ئۆزۈڭدىن نىشانە ماڭا. (ئا. نىزارى)