Uyghurئاساسىي لۇغەت
فەرز
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بېجىرىلىش زۆرۈر بولغان ئىش، پەرىز.
تەخمىن، مۆلچەر، پەرەز:
ھەممە فەرز ۋاجىب سۇنەن مۇستەھەب،
ئېرۇر راست بارچە مۇباھۇ ئەدەب.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
بۇ ۋەجھىدىن ئەيلەدىم نەچە ئەرز،
بولدى ماڭا ئەرز ئەتكمەكىم فەرز.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پەرەز، چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك.