Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
分枝
بىئولوگىيە
شاخلىنىش
غولىدىن شاخ ھاسىل بولۇش شەكلى. بۇنىڭ تۆت خىل شەكلى بار: (1) ئىككىگە ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىش. غولىنىڭ چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا تەڭ بولغان ئىككى تال شاخ ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ چوققىسى بۇ جەرياننى يەنە قايتىلاپ ھەر دەرىجىلىك شاخلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل شاخلىنىش تۆۋەن دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر، مۇخلار ۋە پاپوروتنىكلاردا كۆرۈلىدۇ. (2) تاق ئوقلۇق شاخلىنىش. بۇنىڭدا چوققا بىخ داۋاملىق ئۇزىراپ روشەن ئاساسىي ئوقنى ھاسىل قىلىدۇ، قولتۇق بىخ قايتا - قايتا شاخلىنىدۇ. بۇ خىل شاخلىنىش پاپوروتنىكلار ۋە يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، بەزى ياغاچ غوللۇق يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىمۇ بولىدۇ. (3) كۆپ ئوقلۇق شاخلىنىش. ئاساسىي غولدىكى چوققا بىخنىڭ ھەرىكەتلىنىش مەزگىلى چەكلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى ئەڭ يېقىن بىر قولتۇق بىخ يېڭى شاخقا ئايلىنىپ ئەسلىدىكى ئاساسىي غولنىڭ ئورنىغا ئۆتىدۇ ھەمدە بۇ جەريان قايتا - قايتا تەكرارلىنىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملىشىپ غول نۇرغۇنلىغان يان شاخلارنىڭ ئۇلىنىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، ئەگرى - بۈگرى كۆرۈنىدۇ. ئۆسۈملۈك تۈپى ئېچىلغان ھالەتتە بولىدۇ. كۆپ ساندىكى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا شاخلىنىدۇ. (4) يالغان ئىككى ئاچىماقلىنىش. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چوققا بىخى ھەرىكەتتىن توختىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى تەرەپتىكى ئىككى ئۇدۇل ئۆسكەن يوپۇرماقنىڭ ئىككى قولتۇق بىخى تەڭلا ئۆسۈپ شاخقا ئايلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل شاخلىنىش كۆپ ئوقلۇق شاخلىنىشنىڭ بىر خىلىدىن ئىبارەت. بۇ خىل شاخلىنىش چىنىگۈل، ئەگىز ئوت، پەرمۇق، قەلەمپۇر قاتارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەر بىر ۋاقىتتا ئىككى خىل شاخلىنىش ئۇسۇلىدا شاخلىنىدۇ. مەسىلەن، كېۋەزنىڭ يوپۇرماق شېخى تاق ئوقلۇق شاخلىنىدۇ، مېۋە شېخى كۆپ ئوقلۇق شاخلىنىدۇ. ئورمانچىلىقتا، تۈز توم ياغاچ ماتېرىيالغا ئېرئىشىشتە تاق ئوقلۇق شاخلىنىش پايدىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. مېۋە دەرىخى ۋە زىرائەتلەردە كۆپ ئوقلۇق شاخلىنىش پايدىلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە.
باغۋەنچىلىك,دېھقانچىلىق,تەبىئىي جۇغراپىيە
fēn zhī
شاخلىنىشDماتېماتىكا
fēn zhī
تارماق، تارماقلىنىش، شاخ، شاخلىنىشDئورمانچىلىق
fēn zhī
شاخلىنىش، چاتاقلاش