Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
奉还大政
دۇنيا تارىخى
ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش
ياپونىيە توكۇگاۋا شوگناتىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد سىياگۇنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇنىڭ ئەمەلىي ھوقۇقىنى تېننوغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 1867-يىلى شوگناتنى ئاغدۇۇرپ تاشلاش ھەرىكىتى ناھايىتى تېز راۋاجلىنىپ، شوگناتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇ سابىق توسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ياماچى تويوشىگىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئوردىغا <ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش> مەكتۇپىنى سۇنغان، ئەتىسى تېننونىڭ تەستىقلىشىغا ئىگە بولغان. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇ سابىق توسا ۋاسساللىقىنىڭ بېگى ياماچى تويوشىگىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئوردىغا <ھاكىمىيەتنى قايتۇرۇپ بېرىش> مەكتۇپىنى سۇنغان، ئەتىسى تېننونىڭ تەستىقلىشىغا ئىگە بولغان. 11-ئاينىڭ 17-كۈنى ئوردا يەنىلا كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇغا ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە بېجىرىپ تۇرۇشنى ھاۋالە قىلغان. 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇ سىياگۇنلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن، لېكىن ئەمەلىي ھوقۇقنى ساقلاپ قالغان. شوگناتنى ئاغدۇرۇغۇچىلار بۇ سۇيىقەستنى بىتچىت قىلىشقا ئىرادە باغلىغان. 1868-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى ياپونىيە ئوردىسى <مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يارلىقى> نى ئېلان قىلغان ھەمدە كېيىنكى توكۇگاۋا ئېسنوبۇغا مەنسەپ ۋە يەرلەرنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.