Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
封.德.戈姆洞窟壁画
دۇنيا تارىخى
فونت دې - گاۋمې تاش ئۆڭكۈرىدىكى تام سۈرەتلەر
ياۋرۇپا كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرگە ئائىت تاش ئۆڭكۈر تام سۈرەتلىرى. فرانسىيەنىڭ دوردونى رايونىدىكى فونت دې - گائومې تاش ئۆڭكۈرىدە. 1901 - يىلى ئارخېئولوگ برۇئىل قاتارلىقلار تاپقان. تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 124 مېتىر كېلىدۇ، تام سۈرەتلەر ئۆڭكۈر ئاغزىدىن 65 مېتىر نېرىسىدىن تارتىپ باشلانغان، ياۋايى كالىلارنىڭ سۈرىتى ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 80 دىن ئاشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 40 ئات، 23 مامونت، 11 كىيىك، سەككىز كالا، كۆندۈرۈلگەن ئالتە بۇغا، تۆت قوي، ئىككى كەركىدان شۇنىڭدەك بۆرە، ئېيىق ۋە مۈشۈكلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەنىسىنى ئۇققىلى بولمايدىغان بەلگىلەرمۇ بار. بۇ تام سۈرەتلەردە رەڭلىك سۈرەت بىلەن سىزما سۈرەتنى تەڭ ئىشلەتكەن. ھايۋانلارنىڭ بەدىنى سىزما سۈرەت ئارقىلىق كۈچەيتكەن. بۇئىل بۇ تام سۈرەتلىرىنى ئالتە مەزگىلگە بۆلۈپ، 1 - 3 كىچە بولغان مەزگىلنى ئورىنا مەزگىلگە، 4 - 6 - گىچە بولغان مەزگىلنى ماگدالېن مەزگىلىگە مەنسۇپ قىلغان.