Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
非特异投射系统
بىئولوگىيە
خاس بولمىغان پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېما
ھەرخىل رېتسپتورلارنىڭ ئىمپولسىنىڭ دۆڭچە مېڭىگە يەتكۈزۈلۈپ ئاندىن دۆڭچە مېڭە تەرىپىدىن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە پرويېكسىيىلىنىدىغان، خاس پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېمىدىن باشقا يەنە بىر يولنى كۆرسىتىدۇ. يەنى خاس پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېمىسىنىڭ يۇقىرىغا يەتكۈزىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك نېۋرونلىرىنىڭ نېرۋا تالالىرى مېڭە غولىدىن ئۆتكەندە يان شاخ چىقىرىپ مېڭە غولىنىڭ تورسىمان تۈزۈلۈشىگە كىرىدۇ، تورسىمان تۈزۈلۈشكە كۆپ قېتىم نېۋرون ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، يۇقىرىغا مېڭە دۆڭچە مېڭىگە كىرىدۇ، ئاندىن دۆڭچە مېڭىدىن تالا چىقىرىپ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە يېيىلما خاراكتېرلىك پرويېكسىيە چۈشۈرىدۇ. سېزىمنى مۇشۇنداق پرويېكسىيىلەش يولى خاس بولمىغان پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پرويېكسىيىلىگۈچى سىستېما يۇقىرىغا مېڭىپ مېڭە غولىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن يان شاخ چىقىرىپ تورسىمان تۈزۈلۈشكە كىرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ خاس پرويېكسىيىلەش خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ ئوخشاش بىر يۇقىرىغا ماڭغان سىستېما تەرىپىدىن يۇقىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ ھەمدە دۆڭچە مېڭىگە بارغاندىن كېيىن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ كەڭ رايونىغا يېيىلما خاراكېرلىك پرويېكسىيە چۈشۈرۈپ پوستلاق قەۋەتتىكى ھەرقايسى قەۋەت نېۋرونلىرى بىلەن كەڭ دائىرىلىك ئۇلىنىش ئالاقىسى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ رولى سېزىم پەيدا قىلالمايدۇ. لېكىن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ قوزغىلىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ ۋە ئۆزگەرتەلەيدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا مېڭىنىڭ تورسىمان تۈزۈلۈشىنى غىدىقلاش ئارقىلىق ھايۋانلارنى ئويغىتىشقا بولىدۇ. ئوتتۇرا مېڭىنىڭ باش تەرىپى تورسىمان تۈزۈلۈشىنى ئۈزۈۋەتكەندە بولسا، ئۇخلاش ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. بۇ ئەھۋال مېڭە غولى تورسىمان تۈزۈلۈشىدە ھايۋانلارنى ئويغىتىدىغان يۇقىرىغا ماڭغان سىستېما بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سىستېما مېڭە غولى تورسىمان تۈزۈلۈشنىڭ يۇقىرىغا ماڭغان ئاكتىپلاشتۇرۇش (جانلاندۇرغۇچى) سىستېمىسى دېيىلىدۇ.
تەنتەربىيە
fēi tè yì tóu shè xì tǒng
خاس بولمىغان پرويېسكىيە سىستېمىسى